- LibreOffice كوپ ئىقتىدارلىق ئىشخانا يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئوڭاي.
- ئۇنى ئىشلىتىپ، ماقالە يېزىش، لېكسىيە تەييارلاش، سانلىق مەلۇمات جەدۋىلى، دىئاگرامما، ساندان ياساش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
- LibreOffice دا كوپ ئىشلىتىلىدىغان WordPerfect، Microsoft Office ۋە باشقا ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ پۈتۈكلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك OpenDocument (ئوچۇق پۈتۈك) فورماتى قوللىنىلغان.